خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىنىڭ مودېلىنى ياسىغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىنىڭ تەقلىدىي مودېلىنى ياسىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

1730953
خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىنىڭ مودېلىنى ياسىغانلىقى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەكلىماكان قۇملۇقىدا ياسالغان بۇ مودېل ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن تارتىلغان سۈنئىي ھەمراھ فوتو – سۈرىتى سايىسىدا ئاشكارىلاندى.

سۈنئىي ھەمراھ فوتو – سۈرەتلىرى، ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىنىڭ تولۇق ھەجىملىك بىر مودېلى بىلەن كەم دېگەندە ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوغلىغۇچى ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

سۈرەتلەرنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىنستىتۇتى، بۇ رايوننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەشىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جەنۇبىي دېڭىز ۋە تەيۋەن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بارغانسېرى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشىغا باشلىغانلىقىنى كۆرگەن خىتاي، بۇنىڭغا قارشى تەدبىر خاراكتېرلىك قەدىمىنى تېزلەتتى.

خىتاينىڭ يادرو قورال ئامبىرىنى ۋە ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇرۇش تېخنىكىسىغا يۈزلىنىشى ئامېرىكانىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتتى.

پېنتاگوننىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ھەقىقىي باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىپ مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر