خىتايدا ھاۋا بۇلغىنىشى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى

خىتايدا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

1729954
خىتايدا ھاۋا بۇلغىنىشى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا ھاۋا بۇ؛غىنىشى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەندىن كېيىن، پايتەخت بېيجىڭدىكى مەكتەپلەرگە، تەنتەربىيە دەرسلىرى ۋە دالا پائالىيەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرۈلدى.

شاڭخەي، تيەنجىن ۋە خاربىن قاتارلىق ئاساسلىق شەھەرلەرگە بارىدىغان تاشيوللارمۇ، كۆرۈش مۇساپىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن، قاتناشقا تاقالدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ھاۋا بۇلغىنىشىنى ناچار ھاۋارايى ۋە رايونلۇق بۇلغىنىشىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى تۇماننىڭ ئەتە كەچكىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر