رۇسىيەدە يۈك ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
رۇسىيەنىڭ ئىركۇتسك رايونىدا «An-12» تىپلىق يۈك ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئىككى ئادەم قازا قىلدى.
1728952
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياكۇتسكتىن ئىركۇتسك رايونىغا قاراپ ئۇچۇۋاتقان «An-12» تىپلىق يۈك ئايروپىلانى قونۇۋاتقاندا چۈشۈپ كەتكەن، قازادا 2 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئايروپىلاندا جەمئىي 7 كىشىنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.