پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ۋادىغا چۈشۈپ كېتىپ، 23 كىشى قازا قىلدى

پاكىستاننىڭ ئازاد جاممۇ كەشمىر رايونىدا كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ ۋادىغا چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسانغاندا،  23 كىشى قازا قىلغان.

1728717
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ۋادىغا چۈشۈپ كېتىپ، 23 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 30 دىن ئارتۇق يولۇچى ئولتۇرغان ئاپتوبۇس ئازاد جاممۇ كەشمىردىن راۋالپىندىغا قاراپ يولغا چىققاندىن كېيىن پاللاندرى رايونىدىكى بىر ۋادىغا چۈشۈپ كەتكەن. ۋەقەنىڭ سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلانمىغان.

دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، 23 كىشى ھادىسىدە قازا قىلغان.

رايوندا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر