ئېلون ماسك ئاچارچىلىق مەسىلىسىدە ب د ت غا ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى توكلۇق ئاپتوموبىل  ئىشلەپچىقارغۇچى تېسلا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېلون ماسك، ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان تەقدىردە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ياردەم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

1728000
ئېلون ماسك ئاچارچىلىق مەسىلىسىدە ب د ت غا ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بويىچە ئەڭ باي كارخانىچىلاردىن ئېلون ماسك،  دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسى (WFP) نىڭ دېرىكتورى دەيۋىد بېئاسلېينىڭ، «ماسكنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنىڭ پەقەت ئىككى پىرسەنتى بىلەنلا مىليونلىغان ئاچ ئىنسانلارغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقى» غا ئالاقىدار باياناتىغا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، 6 مىليارد دوللار بىلەن دۇنيادىكى ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسە، مەن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا تېسلانىڭ پاي – چەكلىرىنى دەرھال ساتىمەن؛ نۆۋەتتىكى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان چىقىمىڭىزنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇڭ، شۇنداق بولغاندا، كىشىلەر پۇلنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، قۇياش نۇرى ئاجايىپ بىر نېمەت، بۇ ئىشنىمۇ قۇياش نۇرىغا ئوخشاش ئېنىق قىلىڭ، شۇنداق بولغاندا، خەلق پۇلنىڭ قانداق خەجلىنىدىغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ.»

دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسىنىڭ دېرىكتورى دەيۋىد بېئاسلېي بولسا، ماسكقا،  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسى ئارقىلىق ئۇچۇر - ئالاقە قىلىشنىڭ ئورنىغا، پىلانلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش تەكلىنى سۇندى، ھەمدە دۇنيا يېمەك - ئىچمەك پىروگراممىسىنىڭ پىرىنسىپلىق ۋە ئوچۇق - ئاشكارا سىستېمىسى بارلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كاپالەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر