دونباستا بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى ئۆلدى

ئۇكرائىنا، بىر ئەسكىرىنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دونباس رايونىدا رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئوقى تېگىپ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1728035
دونباستا بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، بۆلگۈنچىلەرنىڭ تۈنۈگۈن 11 ۋە بۈگۈن بىر قېتىم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى؛ بۆلگۈنچىلەرنىڭ دونباسنىڭ پاۋلوپىل، سۋىتلودارسكى، ئاۋدىۋىۋكا ۋە ۋودانىك رايونلىرىدىكى ھۇجۇملىرىدا بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر