ياپونىيە خەلقى بۈگۈن 49-نۆۋەتلىك ئاۋام پالاتاسى (شۇگىن) سايلىمى ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى

ياپونىيەدە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن 07:00 دە باشلانغان بېلەت تاشلاش پائالىيىتى سائەت 20:00 گىچە داۋاملىشىدۇ.

1726984
ياپونىيە خەلقى بۈگۈن 49-نۆۋەتلىك ئاۋام پالاتاسى (شۇگىن) سايلىمى ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ 47 ئۆلكىسىدە تەخمىنەن 46 مىڭ بېلەت ساندۇقى قۇرۇلدى.

ئاۋام پالاتاسىدىكى 465 ئورۇندۇقتىن 289 ى، بىر ئورۇندۇقلۇق سايلام رايونىدىن بەلگىلىنىدۇ، قالغانلىرى بولسا، 11 رايونلۇق سايلام رايونىنىڭ نىسبىتى بىلەن سايلىنىپ چىقىدۇ.

1051 نامزات رىقابەتلىشىدىغان  بۇ قېتىمقى سايلامدا، 233 ئورۇندۇققا ئېرىشكەن پارتىيە پارلامېنتتا كۆپ سانلىققا ئېرىشكەن بولىدۇ.

بېلەت ساناش خىزمەتلىرى سائەت 20:00 دە ساندۇقلار تاقالغاندىن كېيىن باشلىنىپ، 1- نويابىر ئەتىگەنگىچە داۋاملىشىدۇ.

دەسلەپكى نەتىجىلەر بۈگۈن  ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ياپونىيەدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئايال باش مىنىستىرلىققا سايلىنالمىغان بولۇپ، 2021-يىللىق بۇ قېتىمقى سايلامدا نامزاتلارنىڭ %17 ى،  يەنى 186 ئايال نامزات رىقابەتلەشمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر