ئىراقتا دائېشنىڭ ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلدى
ئىراقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.
1727024
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ساقچى ئىدارىسى ئاخبارات بۆلۈمى دۆلەتنىڭ رەسمىي ئاگېنتلىقى «INA» دا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سالاھاددىن ۋىلايىتىگە قاراشلىق جەبەل ماخۇل رايونىدىكى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۇجۇمدا 2 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلىپ، يەنە 2 كىشى يارىلاندى.
بىخەتەرلىك قىسىملىرى رايوندا تېررورچىلارنى ئىزدەپ تۈتۈش ھەرىكىتى باشلىدى.