رۇسىيە: ئامېرىكا ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئونلارچە رۇس دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1726726
رۇسىيە: ئامېرىكا ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئونلارچە رۇس دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، ئامېرىكا كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە يەنە 55 رۇس دىپلومات ۋە مەمۇرىي خادىمدىن چېگرادىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، دىپلوماتىيە سېپىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زاخاروۋا، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكادىكى دىپلوماتلىرىغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ رۇسىيەدىكى دىپلوماتىك ئورۇنلىرىدا 130 كىشىنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

زاخاروۋا، رۇسىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىدا، نيۇ-يوركتىكى ئىككى كونسۇلخانىسى ۋە خۇستوندىكى دىپلوماتىك ئورۇنلىرىدا 200 گە يەتمەيدىغان كىشىنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ۋاشىنگتوندىكى 55 دىپلومات ۋە مەمۇرىي خادىمنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئامېرىكادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلار نەزەرگە ئېلىنغىنىدا — مەلۇمكى بۇ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش دېگەنلىك بولىدۇ، — دىپلوماتىيە سېپىدىكى ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ» دېدى.

زاخاروۋا، ئامېرىكانىڭ رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىك ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغانلارغا قاراتقان ھەر خىل دۈشمەنلەرچە پوزتىيەسىگە تېز، مۇۋاپىق، ئەمما سىممېترىك بولمىغان ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاخىرقى قېتىم 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئامېرىكا رۇس ئەلچىخانىسىدا ئىشلەۋاتقان 24 دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانىدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ يىل بويى داۋاملاشقان ئۆزئارا دىپلوماتلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش سەۋەبلىك 1 – ئاۋغۇستتىن بۇيان ئامېرىكانىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىدىكى خىزمەتچى سانى يېقىنقى بەش يىلنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىگە چۈشۈپ قالدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر