ياۋروپا ئىتتىپاقى: سۇدان ۋەزىيىتى دەرھال ياخشىلانمىسا، «ئېغىر ئاقىۋەتلەر» كېلىپ چىقىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى، سۇنداندىكى ۋەزىيەت دەرھال ياخشىلانمىغان تەقدىردە، بۇنىڭ بۇ دۆلەتكە بېرىلگەن ئىقتىسادىي ياردەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئېغىر ئاقىۋەتلەر»نى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

1725570
ياۋروپا ئىتتىپاقى: سۇدان ۋەزىيىتى دەرھال ياخشىلانمىسا، «ئېغىر ئاقىۋەتلەر» كېلىپ چىقىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۇداندىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى، ھەمدە باش مىنىستىر، نۇرغۇن مىنىستىرلار ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ قانۇنسىز قولغا ئېلىنىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشى رەئىسى گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھاننىڭ مەملىكەت مىقياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئاساسىي ماددىلىرىنى ۋاقتىنچە توڭلىتىپ قويۇشى ۋە مەمۇرىي قۇرۇلمىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا: «ئەگەر بۇ ئەھۋال دەرھال ئۆزگەرتىلمىسە، ئىقتىسادىي ياردەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنى تىنچ نامايىش قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى سوغۇققان بولۇشقا، زوراۋانلىق ۋە قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىدىغانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۇداننىڭ دېموكراتىك تۈزۈمگە ئۆتۈش مۇساپىسىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈنۈگۈنمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر ئابدۇللا ھەمدۇك ۋە بىر قىسىم مەمۇرىي خادىملارنىڭ ئارمىيە تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشىنى ئەيىبلىگەنىدى.

10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەندە سۇداندا باش مىنىستىر ئابدۇللا ھەمدۇك ۋە نۇرغۇن سىياسىيونلار قولغا ئېلىنغانىدى.

سۇدان ئىگىلىك ھوقۇقى كېڭىشى رەئىسى گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھان دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىنى، ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە كابىنېتنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى، ھەمدە ھەرقايسى قاتلاملارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تېخنىك ھۆكۈمەت تەشكىللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر