نىگېرىيەدە نۇرغۇن مەكتەپلەر دەرس توختىتىشقا مەجبۇر بولغان

نىگېرىيەدە ئېلىپ قېچىش قورقۇنچى 12 مىليوندىن ئارتۇق بالىنى مەكتەپتىن يىراقلاشتۇردى.

1725641
نىگېرىيەدە نۇرغۇن مەكتەپلەر دەرس توختىتىشقا مەجبۇر بولغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارىنىڭ باش كاتىپى ئىبراھىم گامبارى 4-قېتىملىق خەلقئارا بىخەتەر مەكتەپلەر خىتابنامە كوناېرانسىغا ئىشتىراك قىلدى.

باش كاتىپ گامبارى كونفېرانستا پىرېزىدېنت بۇخارىنىڭ نامىدا قىلغان سۆزىدە، بولۇپمۇ نىگېرىيەنىڭ شىمالىي رايونلىرىدىكى دۆلەت مەكتەپلىرىگە قارىتا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ، مائارىپ سىستېمىسىغا ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ نىگېرىيەدە ئېلىپ قېچىش قورقۇنچى سەۋەبىدىن مەكتەپكە بېرىشتىن قورقۇۋاتقان 12 مىليوندىن ئارتۇق بالىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: <<بولۇپمۇ قىز بالىلار ئۈچۈن بۇ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ۋە تەسىرلىرىنى يىڭىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى سىلەرگە ئېيتماقچىمەن>> دېدى.

ئۇ نىگېرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە يېتەرلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن داۋاملىق قولىدىن كېلىدىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

نىگېرىيەنىڭ مائارىپقا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى چۇكۋۇمېكا نۋاجىيۇبا (Chukwuemeka Nwajiuba) دۆلەت مەكتەپلىرىگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئېلىپ قېچىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنىڭ فىديە بەدىلىگە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، قۇتقۇزۇۋېلىنغان بالىلارنىڭ روھى جەھەتتىن زەخمىگە ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يېقىنقى ئايلاردا نىگېرىيەنىڭ بېنۇ، كادۇنا، كاتسىنا ۋە زامفارا ئىشتاتلىرىدىكى مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچىلار ئېلىپ قېچىلغان ئىدى.

ھۇجۇملار سەۋەبىدىن نۇرغۇن مەكتەپلەر دەرس توختىتىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر