مېركېل يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ

گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋولتېر ستېيىنمېيىر (Frank Walter Steinmeier) باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلدىن يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغىچە ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

1725589
مېركېل يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە بېلۋۇ پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، مېركېل ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەس مۇددىتىنىڭ رەسمىي ئاخىرلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پىرېزىدېنت ستېيىنمېيىر مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، مېركېلغا 16 يىللىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ: <<ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر دۆلىتىمىزگە كىرىزىسلار ۋە داۋالغۇشلار ئانچە ئاز بولمىغان 16 يىللىق مەزگىلدە رەھبەرلىك قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتماي تۇرالمايمىز. چوڭ كىرىزىسلار يىللارچە يۈز بەردى. ۋەزىپىڭىز باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە يۈ بەرگەن پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىس، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە مەزگىلىڭىزدىكى ياۋرو كىرىزىسى ۋە ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە مەزگىلىڭىزدىكى كەڭ كۆلەملىك مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر كىرىزىسى، يېقىنقى يىللاردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) كىرىزىسى قاتارلىقلار... ئەمما بۇ يىللار ياۋروپادا ۋە دۇنيادا دۆلىتىمىز ھۆرمەت، سۆيگۈگە ئېرىشكەن يىللاردۇر>> دېدى.

ئۇ 2015-يىلىدىكى مۇساپىرلار كىرىزىسىدا جەسۇرلارچە چىقارغان قارار سەۋەبىدىن مېركېلنى ماختاپ، مۇنداق دېدى:

<<بىراق، ھەممىدىن مۇھىمى پۇقرالىرىمىزنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشتىڭىز. سۈرىيەدىن كەلگەن مۇساپىرلار بىزدىن پاناھلىق تىلىگەن مەزگىلدە ئۆزىڭىزنىڭ دۆلىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپا ئۈچۈنمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە جاسارىتىڭىز سەۋەبىدىن شەىسىي نامىمدىنمۇ تەشەككۈر ئېيتىمەن.>>

گېرمانىيەدە سايلام ئاخىرلاشقاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان فېدېراتسىيە پارلامېنتى يىغىنىدىن كېيىن، باش مىنىستىر ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى رەسمىي ئاخىرلىشىدۇ.

بىراق، پىرېزىدېنت ستېيىنمېيىر ئاساسىي قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىسى بويىچە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغىچە سابىق ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىنى تەۋسىيە قىلسا بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر