بىل گەيتس سەيلە كېمىسى بىلەن فەتھىيەگە كەلدى

مىكروسوفت تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتىس «لانا» ناملىق سەيلە كېمىسى بىلەن مۇغلانىڭ فەتھىيە ناھىيەسىگە كەلدى.

1725778
بىل گەيتس سەيلە كېمىسى بىلەن فەتھىيەگە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كايمان تاقىم ئارالىرى بايرىقى قادالغان، ئۇزۇنلۇقى 107 مېتىر، كەڭلىكى 16 مېتىر كېلىدىغان سەيلە كېمىسى، قاراگوزلەر مەھەللىسىدىكى بۈيۈك بونجۇقلۇ قولتۇقىنىڭ ئالدىدا لەڭگەر تاشلىدى.

چېنىقىش سالونى، جاكۇززى، ساھىل كۇلۇبى، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، چېنىقىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ھەر خىل ئەسلىھەلەر بار بولغان ھەشەمەتلىك سەيلە كېمىسى، ھەرىكەتنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغان تۇراقلاشتۇرغۇچنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر