خىتايدا ئۇنىۋېرسىتېت تەجرىبىخانىسىدا پارتىلاش يۈز بەردى

خىتايدا بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەجرىبىخانىسىدا يۈز بەرگەن پارتىلاشتا ئىككى ئادەم قازا قىلدى.

1724412
خىتايدا ئۇنىۋېرسىتېت تەجرىبىخانىسىدا پارتىلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى (CGTN) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، نەنجىڭدىكى ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تېخنىكا فاكۇلتېتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاشتا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، يارىلانغان 9 كىشى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، پارتلاشتىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر