<<يېڭى تۆت تەرەپ>> بىر مۇنبەر قۇرۇشنى قارار قىلدى

ھىندىستان، ئىسىرائىلىيە، ئامېرىكا ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىرىنچى قېتىملىق يىغىنىدا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈچۈن خەلقئارالىق مۇنبەر قۇرۇشنى قارار قىلدى.

1722619
<<يېڭى تۆت تەرەپ>> بىر مۇنبەر قۇرۇشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: <<يېڭى تۆت تەرەپ>> نىڭ بىرىنچى يىغىنى ئىنتېرنېت تورىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام جايشانكار، ئىسىرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يائىر لاپىد، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ ئابدۇللاھ بىن زاۋۋېد ئالناھيان قاتناشتى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام جايشانكار تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، يىغىندا ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر مەسىلىسىدە تېخىمۇ يېقىندىن ھەمكارلىشىش پىكرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەنە بىر يىغىن ئېچىش ئۈچۈن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسىرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يائىر لاپىد تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: <<تۆت دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىش، ئۇل- ئەسلىھە، قاتناش، دېڭىز-ئوكيان بىخەتەرلىكى ۋە باشقا مەسىلىلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىغا ياردەم قىلىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا مىنىستىرى بلىنكېنمۇ تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى. ئۇ يىغىننىڭ رايون ۋە دۇنيا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر بىلەن، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنىڭ مۇھىملىقىغا دىققەتنىڭ مەركزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېدى:

<<تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سودا، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇش، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ۋە دېڭىز بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا  ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيادا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەمكارلىقلارنى كېڭەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر