ئىبراھىم رەئىسى: ئامېرىكا يادرو كېلىشىمى سۆھبىتىدىكى ئەستايىدىللىقىنى كۆرسىتىشى كېرەك

ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى ئامېرىكانىڭ يادرو كېلىشىمى سۆھبىتىدىكى ئەستايىدىللىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1721580
ئىبراھىم رەئىسى: ئامېرىكا يادرو كېلىشىمى سۆھبىتىدىكى ئەستايىدىللىقىنى كۆرسىتىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە «پىرېزىدېنتقا مەخسۇس» ناملىق پروگراممىغا قاتناشقان ئىبراھىم رەئىسى يادرو كېلىشىمى سۆھبىتى ۋە ئېمبارگولار ئۈستىدە توختالدى.

ئىبراھىم رەئىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئورگىنى مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە سىياسىي دىرېكتورى ئېنرىك مورا ۋە ئىراننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باكىرىنىڭ 14- ئۆكتەبىردىكى سۆھبىتىدە، ئامېرىكانىڭ ئەستايىدىللىقىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادىكى مۇزاكىرەگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىبراھىم رەئىسى ئىران ئىقتىسادىنى يادرو كېلىشىمىگە باغلىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سۆھبەتنىڭ ئىران ئۈچۈن بىرەر نەتىجىسى بولۇشى كېرەك. قارشى تەرەپ ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەستايىدىللىقىنى كۆرسىتەلەيدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىنى كۆزىتىۋاتىدۇ. بىز بۇ ئىشقا  ئەستايىدىل، قارشى تەرەپمۇ ئەستايىدىل بولۇشى كېرەك» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئىبراھىم رەئىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئارقىلىق رايون ئىقتىسادىغا ئاساس سالغانلىقىنى تەكىتلەپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇنىڭغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، ئىمزا قويۇشقا تېگىشلىك ھۆججەتلەرگە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر