ئامېرىكا: شەرقىي ئاقدېڭىزغا تۇتقان پوزىتسىيەمىز  ئۆزگەرمەيدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۆزىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز بارلىق دۆلەتلەرنى دېڭىز-ئوكيان چېگرا مەسىلىلىرىنى خەلقئارا قانۇن بويىچە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

1720863
ئامېرىكا: شەرقىي ئاقدېڭىزغا تۇتقان پوزىتسىيەمىز  ئۆزگەرمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايىس ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ يېقىندا ئامېرىكا بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك سوئالىغا يازما جاۋاب قايتۇردى.
نېد پرايىس باياناتىدا: «ئامېرىكانىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئۆزگەرمىگەن پوزىتسىيەسى يەنىلا ئوخشاش. جو بايدىن ھۆكۈمىتى شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.
ئۇ باياناتچى شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ دېڭىز چېگرا تەۋەلىكى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «بىز بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر قايسى دۆلەتلەرنى دېڭىز-ئوكيان چېگرا مەسىلىسىنى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز. ئومۇمىي پوزىتسىيە سۈپىتىدە، ئامېرىكا كونكرېت تەلەپ ياكى تەكلىپلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە قارىتا  پوزىتسىيە بىلدۈرمەيدۇ» دېدى.
نېد پرايىس بۇ ھەقتە تۈنۈگۈن (2021-يىلى 16-ئۆكتەبىر) ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرەلەرنى قوللايدىغانلىقىنى، ۋاشىنگىتوننىڭ ئادەتتە باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز چېگرا تالاش-تارتىشىدا پوزىتسىيە تۇتۇپ يۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر