پارىژدا ئالجىرىيە مۇستەقىللىقىنىڭ قۇربانلىرى خاتىرىلەندى

پارىژدا 1961-يىلى 17-ئۆكتەبىر ئالجىرىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى قوللاش ئۈچۈن تىنچلىق نامايىشلىرىنى ئۆتكۈزگەن ئالجىرىيەلىكلەرنى فىرانسىيە ساقچىلىرىنىڭ قىرغىن قىلغانلىقىنىڭ 60-يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىدا، نامايىشتا جېنىدىن ئايرىلغانلار خاتىرىلەندى.

1721078
پارىژدا ئالجىرىيە مۇستەقىللىقىنىڭ قۇربانلىرى خاتىرىلەندى
fransa 61 katliami cezayirliler1.jpg
fransa 61 katliami cezayirliler.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا 1961-يىلى 17-ئۆكتەبىر ئالجىرىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى قوللاش ئۈچۈن تىنچلىق نامايىشلىرىنى ئۆتكۈزگەن ئالجىرىيەلىكلەرنى فىرانسىيە ساقچىلىرىنىڭ قىرغىن قىلغانلىقىنىڭ 60-يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىدا، نامايىشتا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئالاھىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

پارىژنى ئاساس قىلغان 70 شەھەردە، ئالجىرىيەنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۆز دۆلىتىدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللاش ۋە يولغا قويۇلغان كوچىغا چىقىشنى چەكلەش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىنچلىق ئۇسۇلدا نامايىش قىلغان 30 مىڭغا يېقىن ئالجىرىيەلىكتىن 300 دىن كۆپىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى خاتىرىلەندى.

پارىژدىكى داڭلىق رېكس كىنوخانىسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان يىلتىزى ئالجىرىيەلىك بولغان كىشىلەر، قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن سائىنت مىشېل (Saint-Michel) كۆۋرۈكىنىڭ ئەتراپىدىكى شاتېلېت (Chatelet) مەيدانىغا قاراپ يۈرۈدى.

فىرانسىيەنىڭ قەتلىئامىنى «دۆلەت جىنايىتى» دەپ قوبۇل قىلىشى توغرىسىدا شوئار توۋلىغان نامايىشچىلار، قەتلىئامغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئارخىپلارنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى. يىغىلىشنى تەشكىللىگەن گۇرۇپپىلاردىن بىر توپ كىشى، قۇربانلارنى خاتىرىلەپ سېيىن دەرياسىغا گۈللەرنى تاشلىدى.

سائىنت مىشېل كۆۋرۈكىدە قۇربانلارنى خاتىرىلەپ قويۇلغان لەۋھەنىڭ ئالدىغا گۈلچەمبىرەك ۋە گۈللەر قويۇلدى. ساقچىلار لەۋھەنىڭ ئالدىدا، ئەتراپىدا ۋە كۆۋرۈكتە كارىدور ھاسىل قىلىپ، ناھايىتى ئاز كىشىلەرنىڭ گۈلچەمبىرەك قويۇشىغا رۇخسەت قىلدى.

پارىژ ساقچىلىرى قاتتىق بىخەتەرلىرى تەدبىرلىرىنى ئالدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون پايتەخت پارىژدا 1961-يىلى 17-ئۆكتەبىر كېچىدە ئالجىرىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى قوللاش ۋە كوچىغا چىقىشنى چەكلەشكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىنچلىق ئۇسۇلدا نامايىش قىلغان كىشىلەرنىڭ قىرغىن قىلىنىشىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى پارىژ ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى مارىيۇس پاپونىنىڭ باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرنىڭ فىرانسىيە ئۈچۈن كەچۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر