مادۇرو دىيالوگنىڭ توختاپ قېلىشىغا ئامېرىكانىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئۆكتىچىلەر بىلەن داۋاملىشىۋاتقان دىيالوگلارنىڭ توختاپ قېلىشىغا ئامېرىكانىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1721033
مادۇرو دىيالوگنىڭ توختاپ قېلىشىغا ئامېرىكانىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو ۋ ت ۋ (VTV) تېلېۋىزىيەسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆكتىچىلەر بىلەن 2021-يىلى 13-ئاۋغۇستتىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كەلگەن دىيالوگقا، ئامېرىكانىڭ «ئەجەللىك پىچاق» تىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كۆرۈشۈشلەردىن چېكىنگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 17-ئۆكتەبىر) غەربىي ئافرىقادىكى يېشىل تۇمشۇق دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكاغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئالېكس سائابنىڭ ۋېنېزۇئېلالىق دىپلومات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا مېكسىكا دىيالوگ كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان ئالېكس سائابنى ئېلىپ قاچقاندا، مېكسىكادىكى سۆھبەتلەرگە ئەجەللىك زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئامېرىكا ھەرىكەتكە ئۆتتى. دىيالوگنى خالىمايدۇ، ۋېنېزۇئېلا ئۈچۈن تىنچلىقنى خالىمايدۇ.»

ئۇ ئۆكتىچىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان 4-قېتىملىق كۆرۈشۈشنى توختىتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇنىڭغا، سائابنىڭ ئامېرىكاغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتتى.

بۈگۈن (2021-يىلى 18-ئۆكتەبىر) ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئېلان قىلغان باياناتتا، ھۆكۈمەتنىڭ دىيالوگ ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشى چاقىرىق قىلىندى.

سائاب 2020-يىلى 12-ئىيۇن ئامېرىكانىڭ تەلىپى بويىچە پۇل يۇيۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ، يېشىل تۇمشۇقتا تۇتۇلغان ئىدى.

ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرىنىڭ سائابنىڭ تۇتۇلۇشى ھەققىدە ئەينى ۋاقىتتا ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، سائابنىڭ دىپلومات ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ۋە يېشىل تۇمشۇقنىڭ ۋىيېننا شەرتنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئەيىبلەنگەن ئىدى.

سائاب تۈنۈگۈن يېشىل تۇمشۇق تەرىپىدىن ئامېرىكاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر