نىگېرىيەدىكى جامە ھۇجۇمىدا 10 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

نىگېرىيەنىڭ تىللابېرى رايونىدىكى بىر جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1719530
نىگېرىيەدىكى جامە ھۇجۇمىدا 10 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىللابېرى رايونىدىكى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، نىگېر، مالى ۋە بۇرنىكا فاسو چېگراسىغا جايلاشقان ئابانكور يېزىسىدىكى بىر جامەگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىنغان.

ناماز ۋاقتىدا موتوسىكلىت بىلەن جامەگە بېسىپ كىرگەن تېررورىستلار، جامائەتنى ئوققا تۇتقان. ھۇجۇمدا، 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۆلۈم سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن.

نىگېرىيەگە قوشنا مالىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەل قائىدە ۋە دائېشقا چېتىشلىق تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى، بۇركىنا فاسو ۋە نىگېرىيەدە پات-پات قانلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلماقتا.

ب د ت مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى ئۈچ يىلدا نىگېرىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن 313 مىڭ كىشى دۆلەت ئىچىدە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان، 235 مىڭ كىشى قوشنا دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولغان.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يانۋار (2021) دىن ئىيۇل ئېيىغىچە نىگېرنىڭ مالى ۋە بۇركىنا فاسو چېگراسىدا يۈز بەرگەن توققۇز قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 420 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر