مېركېل خەلقئارا جەمئىيەتنى ئافغانىستانغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئافغانىستاندا ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقنىڭ خەلقئارالىق ياردەم ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1718826
مېركېل خەلقئارا جەمئىيەتنى ئافغانىستانغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېركېل، 20 – گ گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ «ئافغانىستان» تېمىلىق پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «نە توك بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى، نە پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئافغانىستاندا 40 مىليون كىشىنىڭ قالايمىقانچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىغا نەزەر تاشلاش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نىشانى بولالمايدۇ ھەم بولماسلىقى كېرەك، ئافغانىستاندا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوقتۇر، دەرۋەقە، ئۇ چاغدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشكىمۇ بولمايدىغان بىر خىل ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالىدۇ.»

ئافغانىستاندىكى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ زور مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بايان قىلغان باش مىنىستىر  مېركېل، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئافغانىستاننىڭ تاشقى دۇنياغا تەھدىت شەكىللەندۈرمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر