ماكرون: مالىدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قېلىش نىشانىمىز يوق

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون دۆلىتىنىڭ مالىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش نىشانى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

1717128
ماكرون: مالىدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قېلىش نىشانىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ مونتپېللېر شەھىرىدە ئافرىقالىق ياشلار ئىشتىراك قىلغان، ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرى قاتناشمىغان ئافرىقا-فىرانسىيە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان بىردىنبىر پىرېزىدېنت بولغان ئېممانۇئېل ماكرون بۇ يەردىكى سۆزىدە، مالىدىكى ھەربىي بازىلارنى تېزرەك تاقاشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇ يەردە «كۈچلۈك دۆلەت» ۋە «مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى»نىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«فىرانسىيەنىڭ مالىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش نىشانى يوق» دېگەن ماكرون، نىشاننىڭ ئافرىقا تۇپراقلىرىدا مەڭگۈلۈك ھەربىي بازىلارغا ئىگە بولۇش ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، دۆلىتىنىڭ ھەرقانداق بىر ھاكىمىيەتنى قوللاش ئۈچۈن ئەمەس، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئافرىقادا تۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلىدى.

فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ مالى ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇ دۆلەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ماكرون، ئۆزلىرىنىڭ ئافرىقا ھۆكۈمەتلىرىنى مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق قوللاشنى ئازايتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر