تۈركىيە پاكىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە پاكىستاننىڭ بېلۇجىستان رايونىدا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە  باياناتى ئېلان قىلدى.

1716169
تۈركىيە پاكىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان تەزىيە  باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بېلۇجىستان رايونىدا مەيدانغا كەلگەن 5.9 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىىدىن، ھەمدە ئۆي – ماكانلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپتۇق، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوست پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش پاكىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، يارىلارنىڭ تېڭىلىشى ئۈچۈن، ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر