رۇسىيەنىڭ ناتودىكى ۋاكالەتخانىسىدىن 8 كىشىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەنىڭ ناتودىكى ۋاكالەتخانىسىدىن 8 كىشىنىڭ ئىستىخبارات خادىملىرى بولغانلىقى يۈزىسىدىن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1716246
رۇسىيەنىڭ ناتودىكى ۋاكالەتخانىسىدىن 8 كىشىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو ئەمەلدارى يەنە، رۇسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى سالاھىيەتلىك خادىملىرىنىڭ سانىنىڭمۇ 20 دىن 10 غا قىسقارتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان سىياسىتىنۇڭ مۇقىملىقىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ناتو ئەمەلدارى: «روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچى ھەرىكەتلىرىگە جاۋاپ سۈپىتىدە چېكىندۈرگۈچ كۈچىمىزنى ۋە مۇداپىئەمىزنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەھمىيەتلىك دىيالوگقا ئوچۇقمىز» دېدى.

رۇسىيە ئىنتېرفاكىس خەۋەر ئاگېنتلىقىمۇ رۇسىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى دۇمانىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت كومىتېتى رەئىسى لېئونىد سلۇتسكىينىڭ «رۇسىيە بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرىدۇ» دېگەن سۆزىنى ھەمبەھىرلىدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ 2014-يىلى قىرىمنى قانۇنسىز قوشۇۋېلىشى ۋە ئۆتكەن يىلى ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ زەھەرلىنىشىدىن كېيىن جىددىيلەشكەن ئىدى.

قىرىمنىڭ قانۇنسىز قوشۇۋېلىنىشىدىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ھەمبەھىرلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىق توڭلىتىلغان ئىدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 2018-يىلى رۇسىيەنىڭ سابىق جاسۇسى سېرگېي سكرىپالنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش سۇيۇقەستى ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ 7 ئەمەلدارىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى سالاھىيەت گۇۋانامىسىنى بىكار قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر