خىتايدا نەچچە ئون ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تاماشىبىنلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كەتتى

خىتاينىڭ جېڭجۇ شەھىرىدىكى كۆرگەزمىدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلاردىن كاشىلا چىقىپ  كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.

1714921
خىتايدا نەچچە ئون ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تاماشىبىنلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كەتتى

جېڭجۇ شەھىرىدە 200 دەك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نۇرلاندۇرۇش پائالىيىتىدە غەلىتە ۋەقە يۈز بەردى.

تاماشىبىنلار قەيت قىلغان كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، بىر سودا ساراينىڭ ئەتراپىنى كۆك نۇر بىلەن نۇرلاندۇرماقچى بولغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىشكە باشلىغان.

بەزى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار يول بويىدىكى ئاپتوموبىللارغا  سوقۇلغان بولسا، يەنە بەزىلىرى يەرگە چۈشۈپ كەتكەن.

ئالاقزادە بولغان تاماشىبىنلار يوشۇرۇنۇشقا جاي ئىزدىگەن.

تەخمىنەن 5 مىڭ كىشى قاتناشقان نۇرلاندۇرۇش پائالىيىتىدىكى ۋەقەگە قارىتا خىتاي تاراتقۇلىرى «مەشغۇلات خاتالىقىدىن كېلىپ چىققان كاشىلا بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن.

ئۆتكەن يىلى مايدىمۇ   خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چېڭدۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىدە، 17 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ساقچىلارتەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، «سىگنال بۇزۇش ئۈسكىنىسى» ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر