ۋاشىنگتوندا ئىستانبۇلدا ئۆلتۈرۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست قاشىقجى خاتىرىلەندى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقجى (خاشۇقجۇ) ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسى ئالدىدا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

1713651
ۋاشىنگتوندا ئىستانبۇلدا ئۆلتۈرۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست قاشىقجى خاتىرىلەندى
kasikci abd anma1.jpg
kasikci abd anma.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئەركىنلىك بىرىنچى» سۇپىسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن پائالىيەتكە جامال قاشىقجىنىڭ بولغۇسى ئايالى خادىجە چەنگىز بىلەن كۆپ ساندا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى ۋە قاشىقجىنىڭ دوستلىرى قاتناشتى.

خادىجە جەنگىز مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، جامال قاشىقجىنىڭ پەقەت ژۇرنالىستلا ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقىنىڭ ئاساسىي ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن قەلىمىنى ئىشقا سالغان بىر زات ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، قاشىقجى ئۆلتۈرۈلگەندە دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئىكەنلىكىنى، قاتىللىق جىنايىتىنىڭ سادىر بولغان بولۇشىغا قارىماي، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ جازالانمىغانلىقىنى، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىپ بېرىشنىڭ داۋاملاشقانلىقىنى ئەسلىتىپ، ئۆز ۋاقتىدىكى پىرېزىدېنت كاندىداتى، ھازىرقى پىرېزىدېنت جو بايدىننى قاتىللىق جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىرىنى جازالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىردى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يازغۇچىسى ژۇرنالىست جامال قاشىقجى، 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ماتېرىياللىرىنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىزدېرىكى ئېلىنالمىغان، ئارقىدىن قاشىقجىنىڭ كونسۇلخانىدا ئۆلتۈرۈلۈپ جەسىتىنىڭ پارچىلىنىپ يوقىتىلغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر