رۇسىيە: ياۋروپا ۋە خىتاي قوشۇمچە كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش تەلىپىدە بولمىدى

رۇسىيە ياۋروپا ۋە خىتايدىكى ئېنېرگىيە كرىزىسىدىن كېيىن، ياۋروپا  بىلەن خىتاينىڭ ئۆزلىرىدىن قوشۇمچە كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش تەلىپىدە بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1712793
رۇسىيە: ياۋروپا ۋە خىتاي قوشۇمچە كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش تەلىپىدە بولمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئورگانلىرىدا تارقىتىلغان، ياۋروپا بىلەن خىتاينىڭ رۇسىيەدىن قوشۇمچە كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش تەلىپىدە بولغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە جاۋاب قايتۇرۇلۇپ مۇنداق دېيىلدى: «رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى، خىتاي ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى، رۇسىيەدىن كۆمۈر ئېكسپورتىنى ئاشۇرۇش تەلىپىدە بولمىدى.»

خىتايدا بولۇپمۇ كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە كۆرۈلۈۋاتقان قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن نۇرغۇن رايونلاردىكى توك ئۈزۈلۈپ قېلىش، بۇ دۆلەتنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتمەكتە.

ياۋروپادا بولسا، كۆمۈردىن توك ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان كاربون قويۇپ بېرىش باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش ۋە يەر ئاستى تەبىئىي گاز ساقلاش مۇئەسسەسەلىرىنىڭ تولۇپ كېتىش نىسبىتىنىڭ ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنلەپ كېىشى، تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ توك ئىشلەپچىقىرىش  ۋە تارقىتىش شىركىتى Inter RAO، تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ، تېخىمۇ كۆپ توك سېتىۋالماقچى بولغان خىتاينىڭ بۇ شىركەتكە ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر