ئەردوغان ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپتاييىپ ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قورال- ياراغ بېرىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1710758
ئەردوغان  ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 76 – نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئامېرىكانىڭ CBS تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «مىللەتكە يۈزلىنىش» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى مارگارېت برېنناننىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەردوغان ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللىشىغا  نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئالدى بىلەن،پ ك ك / ي پ گ/ پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا بۇ خىل قورال ياردەملىرى بېرىلمەسلىكى كېرەك» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رىياسەتچى برېنناننىڭ «ئامېرىكانىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشتە قوللىنىشى ئۈچۈن، ئۆزى ئىتتىپاقداش دەپ قارىغان (تېررورلۇق) گۇرۇپپىلىرىغا بەرگەن قوراللارنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئىشلىتىلگەنلىكىگە ئائىت پاكىت بارمۇ؟ ئامېرىكانىڭ قوللىشى سەۋەبلىك بۇ گۇرۇپپىلار سىلەرگە تەھدىت پەيدا قىلدىمۇ؟» دېگەن سوئالىغا: «مەن بۇنى ھۆرمەتلىك (سابىق پىرېزىدېنت دونالد) ترامپ دەۋرىدە تىرامپنىڭ ئۆزىگىمۇ دېگەنىدىم. ھازىرمۇ يەنە ئوخشاش ئۇسۇلدا يۈك ماشىنىلىرى بىلەن ئوق – دورا قاتارلىقلار رايونغا (سۈرىيە ۋە ئىراق) كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىز دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتىمىز ئارقىلىق بىلدۈردۇق، بىلدۈرۈۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «بۇلارنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىنغا سۇندىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالغا «بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سۆھبەتداشلىرىمىزغا سۇندۇق. ھازىرمۇ مېنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقىممۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا بۇلارنى سۆھبەتداشلىرىغا سۇندى، سۇنۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ۋاز كەچمەيمىز. چۈنكى بەزى ھەقىقەتلەر بار. ئامېرىكا ناتو دۆلىتى. بىزمۇ ناتو دۆلىتى. بىزنىڭ ناتودا ھەمكارلىشىشىمىز تۇرغان يەردە، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بۇ يەرلەردىن بۇ خىل ياردەملەرگە ئېرىشمەسلىكى كېرەك. بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەجبۇرمىز» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر