لىۋىيەدە يەنە ئىككى ئايرىم كوللېكتىپ مازار تېپىلدى

لىۋىيەنىڭ 2020 – يىلى ئىيۇندا دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدىرى خەلىفە ھافتەردىن ئازاد قىلىنغان تەرھۇنە شەھىرىدە يەنە ئىككى كوللېكتىپ مازارنىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1711030
لىۋىيەدە يەنە ئىككى ئايرىم كوللېكتىپ مازار تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى يوقاپ كەتكۈچىلەرنى ئىزدەپ تېپىش ئورگىنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تەرھۇنە شەھىرىدىكى ئىزدەش – قېزىپ تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ يەنە ئىككى كوللېكتىپ مازارنى تاپقانلىقىنى، مازاردىكى جەسەتلەرنىڭ دۈشەنبە كۈنى (بۈگۈن) چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

شەھەردىكى كوللېكتىپ مازارلارنىڭ جاۋابكارىنىڭ ھافتەرگە قاراشلىق «قانىيات» ناملىق قوراللىق گۇرۇپپا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر