سومالىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 7 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1710413
سومالىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پايتەخت موگادىشۇنىڭ كېلگاب رايونىدا، ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 8 كىشى يارىلانغان.

ھەربىي مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەنىڭ موگادىشۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە سومالى تۈركىيە ۋەزىپە ئۆتەش ئەترىتى قوماندانلىق ئىشتابىدىن خېلىلا يىراقلىقتا يۈز بەرگەن ۋە جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان ھۇجۇمدا، تۈركىيە ئەلچىخانىسى ۋە ۋەزىپە ئۆتەش ئەترىتى قوماندانلىق ئىشتابى ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغا پات – پات ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر