بايدىن ھۆكۈمىتى كۆچمەن قوبۇل قىلىش چەكلىمىسىنى 125 مىڭغا يەتكۈزىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتى 2022 – يىللىق مالىيە خۈامچوتى دائىرىسىدە كۆچمەن قوبۇل قىلىش چەكلىمىسىنى 65 مىڭ 500 دىن 125 مىڭغا يەتكۈزىدۇ.

1708410
بايدىن ھۆكۈمىتى كۆچمەن قوبۇل قىلىش چەكلىمىسىنى 125 مىڭغا يەتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتى، 2021 – يىلى ئۈچۈن بېكىتىلگەن 62 مىڭ 500 كۆچمەن قوبۇل قىلىش چەكلىمىسىنى كېلەر يىللىق مالىيە خامچوتى دائىرىسىدە 125 مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ، بۇ پىلان ھەققىدە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

2021 – يىلى، 20 – يانۋار كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان جو بايدىن، كۆچمەن قوبۇل قىلىش چەكلىمىسىنى 62 مىڭ 500 گە چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن 2020 – يىلى ئۆكتەبىردىن 2021 – يىلى ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا پەقەت 7 مىڭ 637 كۆچمەن قوبۇل قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر