پرايس: تۈركىيە بىلەن قاتار نورمال ھاۋا قاتنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشماقتا

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچى نېد پرايس، تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ كابۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1706690
پرايس: تۈركىيە بىلەن قاتار نورمال ھاۋا قاتنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچى نېد پرايس، كابۇل ئايرودۇرۇمىدىن قاتناۋاتقان ھۆددىگەر ئايروپىلانلار بىىلەن بىرلىكتە نورمال يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ قاتنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نېد پرايس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيتى توغرىسىدا توختالدى؛ ئۇ كابۇلدىكى ھامىد كارزاي خەلقئارا ئايرودرومىدىن ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلانلارنىڭ ئاستا-ئاستا ئۇچۇشقا باشلىغانلىقىنى، دائىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭ قاتناشقا باشلىشىنىڭ ھەم ئافغانىستان خەلقى، ھەم خەلقئارا جەمئىيەت ھەمدە تالىبانلار ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مازار-شەرىفتىن قاتناش باشلىشى كۈتۈلۈۋاتقان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ھازىرغىچە قاتنىيالماسلىقى مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن پرايس، مازار – شەرىف ئايرودۇرۇمىنىڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى باشلىشى كېرەكلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتچى يەنە، 31-ئاۋغۇستتىن بۇيان36 ئامېرىكا پۇقراسى بىلەن ئامېرىكادا تۇرۇش كىنىشكىسى بار 24 كىشىنىڭ ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر