ھۇسىيلار ساۋمەئا ناھىيە مەركىزىنى قولغا كىرگۈزدى

سەۋمەئا ناھىيەسى ھۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولدى.

1706793
ھۇسىيلار ساۋمەئا ناھىيە مەركىزىنى قولغا كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ  قوللىشى ئاستىدىكى يەمەن ھۇسىيلىرى، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئەلبەيدا ۋىلايىتىنىڭ ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ ئاخىرقى قەلئەسى ھېسابلىنىدىغان ئەسساۋمەئا ناھىيە مەركىزىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەۋمەئا ناھىيەسى ھۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغان.

توقۇنۇشلار نەتىجىسىدە ھۇسىيلار ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ بەيدا ناھىيەسىدىكى ئاخىرقى قەلئەسى – ئەسساۋمەئا ناھىيە مەركىزىنى قولغا كىرگۈزگەن.

ھەربىي ئەمەلدارلار، ناھىيە مەركىزىنىڭ ھۇسىيلارنىڭ قولىغا ئۆتۈشىدە يەمەن ئارمىيەسىگە كېرەكلىك ياردەم ۋە قوللاشنىڭ كەلمەسلىكىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر