ئاۋىستىرالىيەدە تۈرمىدىن قاچقان مەھبۇس 29 يىل كېيىن تەسلىم بولدى

ئاۋىستىرالىيەنىڭ يېڭى جەنۇبىي گاللېر ئۆلكىسىدە 29 يىل ئىلگىرى تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن، 64 ياشلىق داركو دېسىك كوۋىد-19 يۇقۇمى مەزگىلىدە ئىشسىز قېلىپ، ئۆي ئىجارە پۇلىنى تۆلىيەلمىگەندىن كېيىن ساقچىغا تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولدى.

1706435
ئاۋىستىرالىيەدە تۈرمىدىن قاچقان مەھبۇس 29 يىل كېيىن تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋىستىرالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كەندىر تېرىغانلىقى ئۈچۈن 3.5 يىل كېسىلگەن داركو دېسىك، 13 ئاي تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، 1992-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە گرافتون ئىسلاھ قىلىش مەركىزىدىن تۆمۈر كەسكۈچ ھەرە ۋە بولت كەسكۈچ ئۈسكىنىلەرنى ئىشلىتىپ قېچىپ كەتكەن ئىدى.

بارلىق ئاختۇرۇشلارغا قارىماي تېپىلمىغانلىقى قەيت قىلىنغان داركو دېسىكنىڭ سىدنېينىڭ شىمالىدىكى دېڭىز ساھىلىغا ئورۇنلاشقانلىقى ۋە نەق پۇل ئۈچۈن قۇرۇلۇشلاردا رېمونتچى بولۇپ ئىشلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

داركو دېسىك ئۆلكىدە تەخمىنەن 3 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كوۋىد -19 چەكلىمىلىرى سەۋەبىدىن ئىشى پۈتۈنلەي توختاپ كەتكەندىن كېيىن ئۆيىنىڭ ئىجارە ھەققىنى تۆلىيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.

ئۆينى بوشىتىپ بېرىپ، دېڭىز ساھىلىدا ياشاشقا باشلىغان داركو دېسىك، تۈرمىدە ياشاشنىڭ ئۆي-ماكانسىز قېلىشتىن ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ساقچىغا تەسلىم بولدى.

داركو دېسىك سىدنېينىڭ سۇررى تېغى رايونىدىكى تۈرمە كامېرىدىن سىن ئۇلىنىشى ئارقىلىق مەركىزى رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىش تەلىپى رەت قىلىندى.

داركو دېسىكنىڭ 28-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى تۈرمىدىن قېچىش جىنايىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم سوتقا چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر