سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئۆزئارا بىرلەشتى

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى كۈنلۈكى ئاستىدىكى بەش قوراللىق گۇرۇپپا «سۈرىيە ئازادلىق فىرونتى» نامىدا بىرلەشتى.

1705500
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئۆزئارا بىرلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىدا «سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى» كۈنلۈكى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بەش قوراللىق گۇرۇپپا، «سۈرىيە ئازادلىق فىرونتى» نامىدا بىرلەشتى.

باب ناھىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى تەركىبىدىكى ھامزا پولكى، مۇتاسىم پولكى، سۇلتان سۇلايمان شاھ پولكى، 20-پولك ۋە شىمال بۈركۈتلىرى بىرىگادىسى قاتارلىق بەش قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ «سۈرىيە ئازادلىق فىرونتى» نامىدا بىرلەشكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

بىرلەشكەن قوراللىق گۇرۇپپىلار تېررورلۇقتىن تازىلانغان فىرات قالقىنى، زەيتۇن شېخى ۋە تىنچلىق بۇلىقى رايونلىرىدا، تۈركىيە ئارمىيە قىسىملىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىدۇ.

سۈرىيە ئازادلىق فىرونتى كۈنلۈكى ئاستىدا، تەخمىنەن 20 مىڭ سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى بولىدۇ.

مۇراسىمغا، سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ھەسەن ھاممېدە، مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئەمەلدارلار ۋە رايوننىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كىشىلىرى قاتناشتى.

مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ھەسەن ھاممېدە مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى كۈنلۈكى ئاستىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ بۇ خىل بىرلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

سۈرىيە ئازادلىق فىرونتىنىڭ باش قوماندانىلقىغا سايلانغان مۇتاسىم ئابباس شىمالدىكى تېررورلۇقتىن تازىلانغان رايونلاردا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋە تېررورلۇقنىڭ ئۇۋىلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى نامىدا ئۈستىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپىلىرىمىزنى ئادا قىلىمىز. بىرلىشىشنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن» دېدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر