بايدىن خىزمەتچىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش مەجبۇرىيىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرى قىسىم فېدېراتسىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ۋاكسىنا ئەملىتىشى توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

1705540
بايدىن خىزمەتچىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش مەجبۇرىيىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرى قىسىم فېدېراتسىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ۋاكسىنا ئەملىتىشى توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بارلىق فېدېراتسىيە ۋە سەھىيە خىزمەتچىلىرى بىلەن  100 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بولغان خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ۋاكسىنا ئەملىتىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

پىرېزىدېنت جو بايدىن ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تاشلىنىدىغان يېڭى قەدەملەرنى ئېلان قىلدى.

قوللىرىدا يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىناغا ئوخشاش كۈچلۈك قورالنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن بايدىن: «ئامېرىكادىكى 80 مىليون كىشىنىڭ تېخى ۋاكسىنا ئەملەتكۈزمىگەنلىكىنى كۆرۈش كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، يۇقۇمنىڭ دېلتا ۋارىيانتى سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بۇ يۇقۇم، ۋاكسىنا ئەملەنمىگەنلەرنىڭ يۇقۇمى» دېدى.

بايدىن ، ۋاكسىنا ئەملەش مەجبۇرىيىتىنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بارلىق فېدېراتسىيە ۋە سەھىيە خىزمەتچىلىرى بىلەن 100 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ۋاكسىنا ئەملەش شەخسىي ئەركىنلىك ئەمەس، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى قوغداشتۇر» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن ھازىرغىچە ۋاكسىنا ئەملەتكۈزمىگەنلەرگە خىتابەن: «ۋاكسىنا ئەملىتىش ئۈچۈن نېمىنى ساقلاۋاتىسىلەر؟ ھازىر توغرا يولنى تاللاپ، ۋاكسىنا ئەملىتىڭلار» دەپ چاقىرىق ئېلان قىلدى.

بايدىن، ئەگەر ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەنلەرنى قوغداش ئۈچۈن قوشۇمچە ۋاكسىنا ئەملەش تەستىقلانسا، قوللىرىدا يېتەرلىك دەرىجىدە ئۈچىنچى قۇتا ۋاكسىنانىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ مەكتەپلەرنىڭ ئۇچرايدىغانلىقىنى بايان قىلغان بايدىن، زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ مەكتەپلەرنى ئوچۇق تۇتۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر