تۇنىستا ناھدا ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى گاننۇشى سايلام ئۆتكۈزۈشنى چاقىرىق قىلدى

تۇنىستىكى ناھدا ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە پارلامېنت باشلىقى راشىد ئەلگاننۇشى ھاكىمىيەتنى خەلققە تاپشۇرىدىغان شەكىلدە سايلام ئۆتكۈزۈش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

1703779
تۇنىستا ناھدا ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى گاننۇشى سايلام ئۆتكۈزۈشنى چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناھدا ھەرىكىتىنىڭ ئىجرائىيە كېڭىشى ئۆتكۈزگەن يىغىنىدىن كېيىن، گاننۇشىنىڭ ئىمزاسى بىلەن بىر يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، پىرېزىدېنت قايس سەئىد 25-ئىيۇل (2021) ھەممە ھوقۇقنى ئۆزىدە توپلىغان قارارنى چىقىرىپ، قارارلارنى مۇددەتسىز ئۇزارتقاندىن كېيىن، دۆلەت ئېنىق بولمىغان ۋەزىيەت ئىچىگە كىردى» دېيىلدى.

ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت خىزمەتلىرىنىڭ توختىتىلىشى سەۋەبىدىن ناھايىتى قىيىن بولغان مۇساپىنىڭ باشلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنغا خىلاپ ئىجرائاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ ھەربىي سوتتا سوتلىنىشى قاتارلىق تۇنىس خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ھەمدە ئەركىنلىكلىرىگە ھۆرمەت قىلماسلىق خاھىشلىرى ئەيىلەندى.

باياناتتا، جىددىي ھەلەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە پارلامېنتنىڭ خىزمىتىنى قايتا باشلاش، شۇنداقلا تۇنىسلىقلارنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرەلەيدىغان بىر ھۆكۈمەتنى بالدۇرراق قۇرۇش چاقىرىق قىلىندى.

باياناتتا، سىياسىي تۈزۈم قاتارلىق تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دۆلەتتىكى ئوخشىمايدىغان سىياسەتچى ۋە كىشىلەرنى بىر ئۈستەل ئەتراپىغا توپلايدىغان مەملىكەتلىك دىيالوگنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ھاكىمىيەتنى خەلققە تاپشۇرىدىغان شەكىلدە سايلام ئۆتكۈزۈش تەلىپى تەكىتلەندى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر