چېكاگودا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا تۆت ياشلىق بىر بالا جېنىدىن ئايرىلدى، يەتتە بالا يارىلاندى.

1703749
چېكاگودا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچىلار مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، چىكاگودا ھەپتە ئاخىرىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا بىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي سەككىز بالىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ABC خەۋەرلەر قانىلى، تۆت ياشلىق مايكېل مولتريغا شەھەرنىڭ ۋۇدلاۋن رايونىدىكى ئۆيىنىڭ دەرىزىسىدىن كىرگەن  كىرگەن ئىككى پاي ئوقنىڭ تەگكەنلىكىنى، بالنىستقا ئېلىنغان مولترينىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ساقچىلار مولترينىڭ قاتىلى توغرىسىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىگە توققۇز مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يارىلانغان يەتتە بالىنىڭ 12 ياشتىن يۇقىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر