ئىسيانچىلار كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە 30 پۇقرانى ئېتىپ ئۆلتۈردى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي ئىتۇرى ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى بۇنىئادا يۈز بەرگەن ئىسيانچىلار ھۇجۇمىدا 30 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1703342
ئىسيانچىلار كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە 30 پۇقرانى ئېتىپ ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى تاراتقۇلىرى، بۇنىئا شەھىرىدىكى ماپاسانا تاغلىق رايونىدىن دېموكراتىك ئىتتىپاق كۈچلىرى ناملىق ئىسيانچىلار ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن 30 پۇقرانىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رايون ئاھالىلىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن مەزكۇر پۇقرالارنىڭ جەسەتلىرىنى ماپاسانا تاغلىق رايونىنىڭ تسانى تسانى تۆپىلىكىدىن تاپتى.

ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، ئىيسانچىلار مەزكۇر پۇقرالارنى شەنبە كۈنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر