تالىبان رۇخسىتى بار ئافغانىستانلىقلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ

ئامېرىكا ئافغانىستاندا تالىباننىڭ چەت ئەللىكلەرنىڭ ۋە رۇخسىتى بار ئافغانىستانلىقلارغا چەت ئەللەرگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1699643
تالىبان رۇخسىتى بار ئافغانىستانلىقلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەخمىنەن 100 دۆلەت نامىدا، ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلار توغرىسىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بارلىق چەت ئەللىكلەر ۋە ساياھەت رۇخسىتى بولغان ئافغانىستانلىقلارنىڭ چەت ئەللەرگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى، بۇ مەسىلىدە تالىباننىڭ ئىشەنچ بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

بۇ جەرياندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

خىتاي تاشقى ئىشلا رمىنىستىرى ۋاڭ يى ئافغانىستاندا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىش مۇساپىسىنى خاتىرىلىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى، ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ يى يەنە، ئامېرىكا ۋە ناتو قىسىملىرىنىڭ ئالدىراپ-تىنەپ چېكىنىشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر