ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە 7 ياشلىق بىر بالا جېنىدىن ئايرىلدى.
1698866
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا، قوراللىق ئۇنسۇرلار، بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن، تەنتەربىيە مەيدانى ئەتراپىدىكى ئاممىغا ئاپتوموبىلدىن ئوق چىقاردى.
ھۇجۇم نەتىجىسىدە 3 بالا يارىلاندى، بوينىغا ئوق تەگكەن بالىلاردىن بىرى دوختۇرخانىدا قازا قىلدى.
سەۋەبى تېخىچە ئېنىق بولمىغان ھۇجۇمنى تەكشۈرۈش داۋمىدا 3 كىشى قولغا ئېلىندى.