گۇتېرېس خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېس خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسىنى ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى.

1698166
گۇتېرېس خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېس، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ۋېتو قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە 5 دائىمىي ئەزانىڭ ۋەكىللىرىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىرغان بولۇپ، بۇ دائىرىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، خىتاي ۋە رۇسىيەدىن تەشكىل تاپقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، 30 – ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.

تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى ھامىد كارزائى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېقىن رايوندا تۈنۈگۈن پارتلاشلار يۈز بەرگەنىدى.

BBC، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر سەھىيە ئەمەلدارىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 60 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 140 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي ئارمىيە (CENTCOM) باياناتچىسى پولكوۋنىك بىل ئوربان، كابۇل ئايرودۇرۇمىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنىڭ 13 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر