پۇتىن بىلەن ئىمران خان ئافغانىستان مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بىلەن ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

1697581
پۇتىن بىلەن ئىمران خان ئافغانىستان مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ ئافغانىستان توغرىسىدا تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

كرېمىل سارىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پۇتىن بىلەن ئىمران خان: «ئافغانىستاندا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوللاش، زوراۋانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بارلىق خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىنىشى مەقسىتىدە ئافغانىستانلىقلار ئارا دىيالوگ ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن.

كۆرۈشۈشتە يەنە، رۇسىيە ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ، «رايونلۇق بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە تېررورىزم بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك تەھدىتىگە قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىسى» دە پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر