گېرمانىيە ھەر يىلى 400 مىڭ كۆچمەنگە ئېھتىياجلىق

گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دېتلېف شېلې (Detlef Scheele) گېرمانىيەنىڭ ھەر يىلى 400 مىڭ كۆچمەنگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1696413
گېرمانىيە ھەر يىلى 400 مىڭ كۆچمەنگە ئېھتىياجلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دېتلېف شېلې «زۈددايچە زەيتۇڭ گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، گېرمانىيە خىزمەت بازارلىرىدا لاياقەتلىك خادىملارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ كۈندىن-كۈنگە ھېس قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بىز يىلىغا 400 مىڭ كۆچمەنگە موھتاج. ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ سان تېخىمۇ كۆپ. ياشانغانلار ياكى بىمارلارغا قاراش ساھەلىرىدە لاياقەتلىك كىشىلەرگە، ھاۋا تەڭشىگۈچ تېخنىك خادىملىرىغا ۋە ئاكادېمىكلارغا موھتاج» دېدى.

ئۇ كۆچمەن ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ئارىلاشتۇرۋەتمەسلىك كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئافغانىستاندىن كەلگەن مۇساپىرلار بولسا، گېرمانىيە ئۇلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئەمما، مەن ئۈچۈن ئەمگەك كۈچى بازىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ناھايىتى مۇھىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر