ئامېرىكانىڭ كابۇل ئەلچىخانىسى تالىباننىڭ ئىلگىرىلىشىنى ئالدىن بىلدۈرگەن

ئامېرىكانىڭ كابۇل ئەلچىخانىسىدىكى دىپلوماتلارنىڭ بىر ئاي ئىلگىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننى ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىدىن كېيىن كابۇلنىڭ تالىباننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى

1694305
ئامېرىكانىڭ كابۇل ئەلچىخانىسى تالىباننىڭ ئىلگىرىلىشىنى ئالدىن بىلدۈرگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹Wall Street Journal› گېزىتى» نىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە،  دىپلوماتلار 13 – ئىيۇل كۈنى، ھۆكۈمەتنىڭ قارارلىرىغا قارشى ئىلمىي تەنقىدلىرىنى مەخپىي يوسۇندا يەتكۈزگەن نوتادا، تالىباننىڭ تېزلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ يىمىرىلىشى ئالدىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ۋە كىرىزىسنى باشقۇرۇپ، تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېزلەشتۈرۈش تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنداقلا، تالىباننىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئۇسلۇبتا ئىپادىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر نوتا، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا،  «ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ، ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تالىبانلارنىڭ ئالدىدا يېتەرسىزلىكىنى بىلىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن دەلىلى» تەرىقىسىدە ئانالىز قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر