ب د ت دىن ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەرگە چاقىرىق

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسى ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنى «بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان كرىزىسقا ئاساسەن» چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىشقا چاقىردى.

1694646
ب د ت دىن ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەرگە چاقىرىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىلىرىدىن شابىيا مانتو، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، 1-ئاينىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئافغانىستاندا 550 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، دۆلەت مىقياسىدا  ئۆي-ماكانلىرىدىن  ئايرىلىپ قالغانلار سانىنىڭ 2 مىليون 900 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن باشقا، دۇنيا مىقياسىدا تىزىمغا ئېلىنغان 2 مىليون 600 مىڭ ئافغانىستانلىق مۇساپىرنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان مانتو، بۇلارنىڭ 90% گە ئىران ۋە ئافغانىستاننىڭ ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئافغان پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ۋە تىزىمغا ئالدۇرمىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يەكشەنبە كۈنى دۆلەت تالىبانلار  تەرىپىدىن قولغا كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلار ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتنىڭ تولۇق تەسىرى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئافغانىستانلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى  كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇشىغا قارىتا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئەندىشىلىكتۇر.»

ئۇ، ئافغانىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسى، بۇ ئۆزگىرىشچان ئەھۋاللار ئاستىدا، ئاياللار ۋە قىزلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارغا قارىتا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى خەۋپىدىن داۋاملىق ئەندىشە قىلماقتا،  بۈگۈن ئېتىبارى بىلەن خەتەر ئىچىدە قالىدىغانلارنىڭ دۆلەتتىن ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا چىقىش يولى يوق، شۇڭا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسى، ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنى ئافغانىستاندىكى بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان كىرىزىس ئالدىدا چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىشقا چاقىرىدۇ.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسى،  16 – ئاۋغۇست كۈنىمۇ تەلەپلىرى رەت قىلىنغان مۇساپىرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە قارىتا تەۋسىيە خاراكتېرلىك باياننامە ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر