ئىران ئافغانىستانلىق مۇساپىرلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى توسىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى چېگرا ئىشلىرى باش ئىدارىسى دىرېكتورى ھۈسەيىن قاسىمى، دۆلىتىنىڭ ئافغانىستانلىق مۇساپىرلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى توسىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى چېگرا ئىشلىرى باش ئىدارىسى دىرېكتورى ھۈسەيىن قاسىمى، ئىران ئەدلىيە ئورگىنىغا قاراشلىق مىزان ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، تالىباننىڭ قولىغا ئۆتكەن ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ۋە كوۋېد-19 يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئافغانىستان چېگراسىنى كۈچلۈك كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قاسىمى، بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە جەنۇبىي خوراسان، سىستان-بالۇچىستان ۋە رەزەۋى خوراسان قاتارلىق ئۆلكىلەردە تۇرۇشلۇق بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا «ئىرانغا كىرمەكچى بولغان ئافغانىستانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش» توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئافغانىستانغا چېگراداش بولغان ئىراندا 800 مىڭى تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ جەمئىي 3 مىليون ئەتراپىدا ئافغانىستان پۇقراسى ياشايدۇ.
تالىبانلارنىڭ دۆلەتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىشىدىن كېيىن، نۇرغۇن ئافغانىستانلىقلار دۆلىتىدىن قېچىشقا باشلىدى.
2021-يىلى 15-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى پايتەخت كابۇلنى قورشىۋالغان تالىبانلار، پىرېزىدېنت ئەشرەف غەنىنىڭ قېچىشى ۋە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ پايتەختتىن چىقىپ كېتىشىدىن كېيىن، شەھەرنى توقۇنۇشسىزلا تولۇق قولغا كىرگۈزگەنىدى.