ب د ت مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى «ئافغانىستان ۋەزىيىتى» توغرۇلۇق جىددىي يىغىن چاقىرغاندىن كېيىن، مۇزاكىرىلەر يولى ئارقىلىق يېڭى، بىرلەشمە ۋە كەڭ دائىرىلىك بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

1692524
ب د ت مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىباننىڭ ئالدىنقى كۈنى ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈشىدىن كېيىن جىددىي يىغىن چاقىرغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئورتاق باياننامە ئېلان قىلدى.

ئافغانىستاندا تەرەپلەر  توقۇنۇشلارنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىق قىلىنغان باياننامىدە، مۇزاكىرىلەر يولى ئارقىلىق ئاياللارمۇ ئوخشاش سەۋىيەدە ئىشتىراك قىلىدىغان يېڭى، بىرلەشمە ۋە كەڭ دائىرىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى لازىملىقى بىلدۈرۈلدى، ھەمدە پۈتكۈل ئافغانىستانلىقلار ۋە دۆلەتتىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭمۇ قوغدىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى، دۆلەتتىكى مەۋجۇت ھاكىمىيەت كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ۋە ئافغانىستان رەھبەرلىكىدە كىرىزىسكە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن مۇزاكىرىلەرنىڭ دەرھال باشلىنىشى لازىملىقى تەكىتلەندى.

ئافغانىستاندىكى جىددىي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئەىدىشىلىك سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىنغان باياناتتا، بارلىق تەرەپلەر، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى خەلقئارالىق ئۆلچەم ۋە پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشقا ۋە بارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىلدى.

باياناتتا يەنە، بارلىق تەرەپلەردىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىغا، بىخەتەر ۋە توسالغۇسىز پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشى تەلەپ قىلىندى.

ئافغانىستاننىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر جايغا ئايلىنىپ قالماسلىقى لازىملىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «نە تالىبان، نە باشقا گۇرۇپپىلار، باشقا بىر دۆلەتنىڭ تېرروتېرىيەلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورچىلارغا ياردەم بەرمەسلىكى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر