تالىبان خىتاي چېگراسىغا يېقىن 9 ۋىلايەت مەركىزىنىڭ كونتروللۇقىنى تارتىۋالدى

ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 9 ۋىلايەت مەركىزىنىڭ كونتروللۇقىنى تالىبانغا تارتقۇزۇپ قويدى.

1689172
تالىبان خىتاي چېگراسىغا يېقىن 9 ۋىلايەت مەركىزىنىڭ كونتروللۇقىنى تارتىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەدەخشان ۋىلايەتلىك شورا ۋەكىلى ھۆججەتۇللاھ ھىرادماند ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىدا، تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ تەخمىنەن 2 ھەپتە ئىلگىرى تاجىكىستان، خىتاي ۋە پاكىستان چېگراسىغا جايلاشقان بەدەخشان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى فەيزئاباد شەھىرىگە ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمنىڭ ئۈچ قېتىم چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھىرادماند ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە ۋىلايەت مەركىزىدىن چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھىرادمان تالىباننىڭ شەھەر مەركىزىنى پۈتۈنلەي كونتروللۇقىغا ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈنۈگۈنمۇ ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى باغلان ۋە غەربىدىكى فاراخ ۋىلايەتلىرىنىڭ مەركەزلىرى تالىباننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى ۋىلايەت مەركەزلىرى ئارقىمۇ ئارقىدىن تالىبانىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەندىن كېيىن، پرېزىدېنت ئەشرەف غەنى سىياسىي رەھبەرلەر، مارشال راشىد دوستۇم، مۇھەممەد مۇھەققىق ۋە جۈمەخان بىلەن شىمالدىكى بەلخ ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى مازار شەرىف شەھىرىگە بارغان ئىدى.

بەلخ ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، پىرېزىدېنت ئەشرەپ غەنىنىڭ سىياسىي رەھبەرلەر ۋە بەلخنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن بىخەتەرلىك يىغىنى ئاچقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، شىمالدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

راشىد دوستۇمنىڭ ئاخبارات مەسئۇلى ھەبىبۇراھمان قۇياش بولسا، تالىباننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەن شىمال ۋە شەرقىي شىمالدىكى ۋىلايەتلەردە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش پىلانلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش قارارىدىن كېيىن، تالىبان ھۇجۇملىرىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقاردى ۋە ئافغانىستاننى ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتاشتۇرىدىغان شىمالدىكى ۋىلايەت مەركەزلىرىنى بىر بىرلەپ ئىشغال قىلىشقا باشلىدى.

تالىبان يېقىنقى 6 كۈن ئىچىدە بىرسى غەربىي جەنۇبتا، قالغان يەتتىسى شىمال ۋە شەرقىي شىمالدا بولۇپ، جەمئىي 9 ۋىلايەت مەركىزىنى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى قىسىملىرىدىن تارتىۋالدى.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى 34 ۋىلايەت مەركىزىنىڭ 25 نى ھازىرمۇ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر