بايدىن: ئافغانىستاندىن چېكىنىش قارارىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئافغانىستاندىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ تالىبانلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشىغا قارىماي، ئۇ دۆلەتتىن چېكىنىش قارارىدىن پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1689153
بايدىن: ئافغانىستاندىن چېكىنىش قارارىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن ئاقسارايدا بايانات بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 20 يىلدا تىرىليونلارچە دوللار خەجلىگەنلىكىنى، 300 مىڭدىن ئارتۇق ئافغانىستان ئەسكىرىنى زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ ۋە مەشىقلەندۈرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ئۇ، ئافغانىستان رەھبەرلىرىنىڭ خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «ھاۋادىن يېقىندىن ياردەم بېرىپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈپ يېتىش، ئۇلارنى يېمەك – ئىچمەك ۋە قورال بىلەن تەمىنلەش ۋە بارلىق مائاشلىرىنى بېرىدىغانلىقىمىز توغرىسىدىكى ۋەدىمىزدە چىڭ تۇرىمەن، ئەمما ئۇلار جەڭ قىلىشنى تاللاشقا مەجبۇر» دېدى.

ئافغانىستان رەھبەرلىرىنى سىياسىي جەھەتتە بىر يەرگە جەم بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى، دەپ ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بايدىن: «بىز ۋەدىمىزنى ئورۇندايمىز، ئەمما قارارىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ۋاشىنگتوننىڭ تالىباننىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە ئافغانىستاندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، «تالىباننىڭ سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلىشى ۋە پۇقرالار سېپىدىكى ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرى، شۈبھىسىزكى، ئافغانىستاندىكى زوراۋانلىق دەرىجىسى، تالىبانلارنىڭ (ئامېرىكا بىلەن تۈزگەن) تۈزگەن كېلىشىمىدىكى سۆزلىرىگە ماس كەلمەيدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر